ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق بىرلەشمە مەشىقتە، ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ تەييارلىقى پۈتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 10:41

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىدە 23-ئاپرېل ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۈتۈن رايون بىرلەشمە مەشىقى قىلىندى. ھازىر سىناققا قاتناشقان ھەر قايسى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھالىتى مۇقىم، خادىملارنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى، شىئەن سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش-كونترول قىلىش مەركىزى ھەمدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەر قايسى كۆزىتىش-كونترول قىلىش پونكىتلىرى بىرلىشىپ تەڭشەپ كونترول قىلىپ، قويۇپ بېرىش تەييارلىقى، قويۇپ بېرىش ھەمدە ئۇچۇش جەريانىدىكى تۈرلۈك تېخنىكىلىق ھالەت ۋە خىزمەت جەريانىنى ئومۇميۈزلۈك تەقلىد قىلدى.

بۇ قېتىمقى پۈتۈن رايون بىرلەشمە مەشىقى شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئامىللىرى تولۇق، ئەمەلىي قويۇپ بېرىش تەرتىپىگە ئەڭ يېقىن بىرلەشمە مەشىق بولۇپ، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەشىقنىڭ ئاخىرلىشىشى شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا بىرىكمە گەۋدىسىنىڭ ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىكى چياۋ لىچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر راكېتا، ئالەم كېمىسى ۋە قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى ھەرقايسى سىستېمىلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى، كېيىن پىلان بويىچە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى پروپېللانتنى قاچىلاش ۋە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. بىز قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.

قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، بوشلۇق پونكىتى يەنە فازا تەڭشەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى بىلەن بوشلۇق پونكىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق بىرلەشمە مەشىقتە، ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ تەييارلىقى پۈتتى

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق بىرلەشمە مەشىقتە، ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ تەييارلىقى پۈتتى