ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ ـ ئىچىشكە دائىر سەككىز تىپىك مەسىلە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 14:27

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ ـ ئىچىشكە دائىر سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يىن مېيگېن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇھىت قۇرۇلۇشىنى باھالاش مەركىزى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى زو شىيىڭ، خەينەن ئۆلكىلىك ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ـ تەنتەربىيە نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ليۇ پىڭجيۇ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈئەنى 6-شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى، ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن شېڭخۇڭ ۋە بىڭتۈئەن مائارىپ ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يىن روچياڭ، بېيجىڭ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېي ياڭ، خۇئاديەن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش بوغالتىرى لى شىجىن، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ۋۇ جيەنبىن قاتارلىقلار كىشىلەر ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈشى شەھىرى شىنپىڭ يىزۇ-دەيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچكەنلىكى، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى.

تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ ـ ئىچىشكە دائىر سەككىز تىپىك مەسىلە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ ـ ئىچىشكە دائىر سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.