ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگونىڭ بوشلۇق پونكىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 14:37

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F يىراقتىن سېزىش 18-توشۇغۇچى راكېتا 25-ئاپرېل جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە  قويۇپ بېرىلدى، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. راكېتا ئوت ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ تەخمىنەن ئالتە يېرىم سائەتتىن كېيىن، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە بوشلۇق پونكىتىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز سۈرئەتتە تۇتاشتى. ھازىر شېنجۇ 17-نومۇر، شېنجۇ 18-نومۇرنىڭ  ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى غەلىبىلىك ئۇچراشتى. 
25-ئاپرېل سائەت 18 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ۋېنتيەنگې يۈەنمېڭيۈەن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. سائەت 18 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى، بوشلۇق پونكىتى قوللىنىش ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شۈ شۆچياڭ «يولغا چىقىش» بۇيرۇقى چۈشۈردى.
سائەت 20 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان  چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F يىراقتىن سېزىش 18-توشۇغۇچى راكېتا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قەد كۆتۈردى، تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولدى. شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە يەنىلا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن راكېتا  چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F   توشۇغۇچى راكېتا    ئاسراش ئەلچىسى بولدى، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى 0-نومۇرلۇق قوماندان جاۋ لېي:   چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F  يىراقتىن سېزىش 18-توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئىپادىسىگە تولۇق نومۇر  بېرىشكە بولىدۇ، دەپ باھا بەردى.
ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 1-تەتقىقات يۇرتىدىكى ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ۋەزىپە پۈتكۈل ئەترەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىشەنچلىكلىكى، تەلەپچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىر قېتىملىق ۋەزىپە، بۇندىن كېيىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا تولۇق، بىخەتەر ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىمىز.
شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمىسى ئەلالاشتۇرۇلدى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، بولۇپمۇ توك مەنبەسى سىستېمىسىنىڭ تېخنىكىلىق ئەھۋالى زور دەرىجىدە يېڭىلىنىپ، ئىلگىرىكى كادمىي-نىكېل باتارېيەسى لىتىيلىق باتارېيەگە ئۆزگەرتىلدى. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5-تەتقىقات يۇرتىدىكى چېن توڭشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باتارېيەنىڭ داۋاملىق ئۇچۇشقا كېرەكلىك ئېنېرگىيە ئىقتىدارى ئەسلىدىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى يەنە 40-50 كىلوگىرام يېنىكلىدى.
شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، 26-ئاپرېل سائەت 3 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە،  بوشلۇق پونكىتى ۋە تيەنخې  يادرولۇق بۆلۈمىسىنىڭ رادىيال ئېغىزىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى، پۈتكۈل جەريان تەخمىنەن 6.5 سائەت داۋاملاشتى. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5- تەتقىقات يۇرتىدىكى ئالەم ئۇچقۇسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى جاڭ شياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىر قەدەر پىشقان، مۇستەقىل، تېز تۇتاشتۇرۇش لايىھەسى قوللىنىلدى. بوشلۇق پونكىتى ۋە شېنجۇ ئالەم كېمىسىنىڭ بوشلۇق ئالاقە زەنجىرى سەپلەنگەن بولۇپ،  بوشلۇق پونكىتى ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاكالىتەن يەتكۈزۈپ، يەر يۈزىنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى دەرقەمدە ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمىسىدىن ئوربىتا بۆلۈمىسىگە كىردى. سائەت 5 تىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە، ئوربىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى «ئىشىكى»نى ئوڭۇشلۇق ئېچىپ، يىراقتىن كەلگەن شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ  كىرىشىنى قارشى ئالدى. ئارقىدىن ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىدىكىلەر «ئائىلە سۈرىتىگە چۈشۈپ»، ئۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىرلىكتە ئامانلىق تىلىدى.
بۇندىن كېيىن ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بوشلۇق پونكىتىدا ئۆزئارا ئالمىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم پونكىتىدا تەخمىنەن بەش كۈن خىزمەت قىلىپ، بەلگىلەنگەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تاماملايدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى جۇڭگونىڭ بوشلۇق پونكىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 2-نومۇرلۇق F يىراقتىن سېزىش 18-توشۇغۇچى راكېتا 25-ئاپرېل جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى،