«ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى» ئېلان قىلىندى
ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 5-ئىيۇن «2023-يىللىق جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى» نى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئاخباراتتا ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى مۇقىم ياخشىلاندى، دەپ كۆرسىتىلدى.
ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئۇزاق مەزگىل ياخشىلىنىش ھالىتىنى ساقلىغان، مەملىكەت بويىچە ياخشى بولغان كۈن سانى %85.5 كە، چاڭ-توزانلىق، بىنورمال، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كۈننى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن %86.8 كە يېتىپ، يىللىق نىشاندىن 0.6 پوئېنت ياخشى بولغان. مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلانغان. ياخشى بولغان يەنى 1-تۈردىن 3-تۈرگىچە بولغان سۇ سۈپىتىنىڭ كەسمە يۈز نىسبىتى %89.4 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 پوئېنت ئېشىپ، «13-بەش يىل» دىن بۇيان «ئۇدا سەككىز يىل ئۆرلەش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار