ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چۇڭچىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىغا ئايلانماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 09:37

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا: يېڭى دەۋردىكى غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىمىز، دېدى.

چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇ خېڭخۇا مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزەشنى ئىلگىرى سۈردۇق، بۇلتۇر چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.1 ئېشىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالدى؛ بۇ يىل 1-پەسىلدە %6.2 ئېشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، شۇنداقلا قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى.

خۇ خېڭخۇا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئاساسىدا، 2027-يىلىغا بارغاندا 4 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىمىز. ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلىپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىنى بەرپا قىلىمىز.

چۇڭچىڭ ياسىمىچىلىق مۇھىم شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياسىمىچىلىقتىكى 31 چوڭ تۈرگە ئىگە، ئەقلىي تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېڭى بىر ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، ئىلغار ماتېرىياللار 1 تىرىليون يۈەنلىك كەسىپلەر توپىغا تېزدىن ئايلانماقتا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون 300 مىڭدىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 500 مىڭدىن ئاشتى، دۇنيا بويىچە ھەر ئۈچ دەپتەر كومپيۇتېرنىڭ بىرى «چۇڭچىڭدا ياسالغان». چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ دۈنتاۋ تونۇشتۇرۇپ: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز، دېدى.

جياڭ دۈنتاۋ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ «قىيىن» تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. ھازىر بىز تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، 2027-يىلىغا بارغاندا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم 12 مىڭ ۋە 80 مىڭغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، ئېچىۋېتىپ تەرەققىي قىلىشى يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتتى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ «قوش شەھەر خاتىرىسى» بارغانسېرى رەڭدار تۈسكە كىردى، غەربىي رايوندىكى قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى 123 دۆلەت ۋە رايوندىكى 514 پورتقا تۇتاشتى، تېخىمۇ كۆپ چۇڭچىڭ مەھسۇلاتلىرى تاغ-دېڭىزلاردىن ھالقىپ، دۇنياغا يۈزلەندى، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت بۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى غەربكە، جەنۇبقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شياڭدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە، خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورت يولى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، چۇڭچىڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىلەن ياۋروپاغا توشۇلىدىغان مال مىقدارى ۋە مال قىممىتى ئايرىم-ئايرىم %217 ۋە %190 ئېشىپ، خەلقئارا سودا قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. «دېڭىزغا تايىنىپ ياشاش» تىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى «دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇققا تەڭ تايىنىش» تىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرمەكتە.

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چۇڭچىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىغا ئايلانماقتا

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى،