ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لياۋنىڭنىڭ جاڭۋۇ: تەكشۈرۈش يىڭنىسىدىكى ھاياتلىق مېلودىيەسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 09:37

«يېشىللىققا پۈركەنگەن ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنىنى قوغدايلى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋرىمىزنىڭ «لياۋنىڭنىڭ جاڭۋۇ: تەكشۈرۈش يىڭنىسىدىكى ھاياتلىق مىلودىيەسى» دېگەن قىسمى

ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدا نەچچە مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان، كۆلىمى زور ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگونىڭ «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشى. ھازىر دەل «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشىنىڭ 6-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش مەزگىلى، شۇنداقلا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، كېڭەيتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى.

لياۋنىڭ ئۆلكىسى جاڭۋۇ ناھىيەسى جاڭگۇتەي بازىرىنىڭ تەيجيا كەنتىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئورمانچىلىق مەيدانىدا، پەن-تەتقىقات خادىملىرى رەقەملەشكەن يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، جاڭزى قارىغىيى بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ تەجرىبە قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەتقىقاتخانىسى بايلىق، مۇھىت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن خۇي تەجرىبە ئىشلەۋېتىپ مۇنداق دېدى: بۇ دەرەخ غولىدىكى سۇيۇقلۇق ئېقىمىنى ئۆلچەش ئەسۋابى ھازىر ئۇلاندى، بۇ دەل-دەرەخلەرنىڭ سۇيۇقلۇق ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى، پارغا ئايلىنىش سۇ سەرپىياتىنى ئۆلچەيدۇ. بۇ بىر يىغقۇچ، بىز ئورمانلىقتىكى 10 تۈپ دەرەخكە ئورناتتۇق.

خەن خۇي مۇنداق دېدى: دەل-دەرەخلەر تەبىئىي ئۆسكەن شارائىتتا، دەرەخ غولىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىش ئەھۋالىنى ئۇدا ئۆلچەش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش يىڭنىسىنى دەرەخ غولىغا سانجىيمىز. ھازىر مۇشۇنداق پەرۋىش قىلساق، دەل-دەرەخ غولىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ھالىتىنى كۆرەلەيمىز، بۇ ئىلمىي كۆكەرتىش، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، ھەتتا بىر رايوننىڭ قۇرغاقچىلىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

جاڭۋۇ ناھىيەسى خورچىن قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېكولوگىيەسى ئاجىز تىپىك رايون ۋە دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئېكولوگىيەسى سەزگۈر بەلباغ ھېسابلىنىدۇ.

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شيۇگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرى جاڭۋۇدا ھەممە يەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر كۈنى چاڭ-توزانلارنى سۈرتەتتۇق. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى جاڭۋۇدىكى قۇملىشىپ كەتكەن كۆلەم 5 مىليون 240 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %96 نى ئىگىلەيتتى. قۇملۇق تەتقىقاتخانىسىدىكى پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى ئارقىلىق، ئوت-چۆپنى كاتەكچى قىلىپ تېرىپ، ئادەم كۈچى ۋە ماشىنا بىلەن قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ چىقتى، كېيىنچە چاتقال، غوللۇق دەرەخ بىلەن قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بولدۇق. ھازىر جاڭۋۇ ناھىيەسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەينى چاغدىكى %2.9 تىن %31.47 كە يەتتى.

خورچىن، خۇنشەنداك قۇملۇقىنى تىزگىنلەش جېڭى خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن ۋە خېيلوڭجياڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا مۇناسىۋەتلىك، بۇ قۇملۇق بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىغا ئەڭ يېقىن قۇم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. دۆلەتلىك ئورمان-يايلاق ئىدارىسى يايلاق باشقۇرۇش مەھكىمىسى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۇەنسۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر قاتار نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. يېقىندا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېشىللىقنى، ئېنېرگىيەنى، كىرىمنى ئاشۇرۇش بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. خۇنشەنداك-خورچىن قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە قۇمنى تىزگىنلەش تۇنجى باسقۇچلۇق تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى مىڭ چاقىرىملىق قۇم توسۇش بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇل-لياۋنىڭ رايون ھەمكارلىشىپ قۇمنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر جاڭۋۇ ناھىيەسىدە 10 مىڭ مو قارىغايلىق يېشىللىققا پۈركەندى. 70 نەچچە يىللىق قۇمنى تىزگىنلەش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، بۇ يەر خورچىن قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، قۇملىشىش كۆلىمىنى 5 مىليون 240 مىڭ مودىن 2 مىليون موغا ئازايتىپ، «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قۇرۇلۇشىدىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ۋۇ شيۇگاڭ مۇنداق دېدى: قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يارىتىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم. جاڭزى قارىغىيىنىڭ ئالاھىدىلىكى سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا، ئۈنۈمسىز يەرلەرگە چىداملىق، غولى تۈز، مەزمۇت، خۇددى بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان پەن-تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە ئوخشايدۇ. قۇملۇقنى يادرو قىلغان بۇ پەن-تەتقىقات خادىملىرى يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، خەرىتىدىكى قۇملۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان سېرىق رەڭنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، يۇرتىمىزنىڭ سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لياۋنىڭنىڭ جاڭۋۇ: تەكشۈرۈش يىڭنىسىدىكى ھاياتلىق مېلودىيەسى

ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدا نەچچە مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىغان، كۆلىمى زور ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى بار،