ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلانغا «بىيو ئاۋىياتسىيە مېيى» قاچىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 09:45

ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سودا ئايروپىلانى بولغان C919 تىپلىق چوڭ  يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ARJ21 تىپلىق تارماق لىنىيە ئايروپىلانىغا 6-ئىيۇن ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان بىيو ئاۋىياتسىيە مېيى قاچىلىنىپ، تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلغان يېشىل ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ قېتىم ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانغا قاچىلانغان بىيو ئاۋىياتسىيە مېيىنىڭ خام ماتېرىيالى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلگەن تاماق ئېتىش مېيى. تاماقتىن ئېشىپ قالغان كېرەكسىز مايدىن بىيو ئاۋىياتسىيە مېيى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىن نۇقتا شۇكى، تاماقتىن ئېشىپ قالغان كېرەكسىز ماينىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ كىسلاتاسى تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بولۇپ، ئوكسىگېن مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، ئايرىش قۇرۇلمىسىدىكى كاتالىزاتورنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلانغا «بىيو ئاۋىياتسىيە مېيى» قاچىلاندى

ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن سودا ئايروپىلانى بولغان C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ARJ21 تىپلىق تارماق لىنىيە ئايروپىلانىغا 6-ئىيۇن ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان بىيو ئاۋىياتسىيە مېيى قاچىلىنىپ،