جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۈچ ئاي ئاشتى
جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 5-ئىيۇن مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 5-ئايدا جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت كۆرسەتكۈچى 113.9 نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.7 نۇقتا ئۆرلىدى، كۆرسەتكۈچ ئۇدا ئۈچ ئاي ئۆرلەپ، يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
5-ئايدا جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروت كۆرسەتكۈچىنىڭ تۈر كۆرسەتكۈچىدە، ئومۇمىي كەسىپ مىقدارى كۆرسەتكۈچى، يېزا كەسىپ مىقدارى كۆرسەتكۈچى، ئەشيا ئوبوروتى ۋاقىت چېكى كۆرسەتكۈچى، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش نىسبىتى كۆرسەتكۈچى، رازىمەنلىك نىسبىتى كۆرسەتكۈچى، ئەمەلىي يۈك نىسبىتى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت