6-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى
6-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 6-ئىيۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇنبەردە 10 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش تۈرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.
چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى 10 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىش تۈرى تىزىملىكىنىڭ مەزمۇنى ئۆلكىلەر ئارا قاتناش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، چەت ئەللىكلەرنىڭ144 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتىنى پۈتۈن رايون بويىچە يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شىفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى 10 ئەمەلىي ئىش پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەردىكى پەن-تېخنىكا تارماقلىرى بىرلىشىپ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيو تېببىي دورا، سۈنئىي ئەقل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يېتەكچى قىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى رايون ھالقىغان 12 يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورتاق يېتىلدۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. شىخۇ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل