ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شەنشى تېخىمۇ كۆپ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-07 10:23

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا بىر قاتار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئاچتى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پەن-مائارىپ ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شەنشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئون يىلدىن بۇيان، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.4 ئاشتى، ئۆتكەن يىلى ئۈچ تىرىليون 380 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۇدا ئىككى تىرىليونلۇق سەۋىيەدىن ھالقىپ ئۆتتى.

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەنشى دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت مائارىپ مەركىزى، ئون يىلدىن بۇيان، تېخنىكا توختامىدا پۈتۈشۈلگەن سومما 350 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ، 410 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، ئۇنىۋېرسال پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى %71.72كە يېتىپ، 15 پوئېنت ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەنشى ئۆلكىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنى يولغا قويدى. جاۋ گاڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شەنشى يەنە بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزگىچە ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ. فوتون، سۈنئىي ئەقىل، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق يوشۇرۇن ئەۋزەللىككە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ توپىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ئىقتىسادى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىدۇ.

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ شياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شەنشى «ھۆكۈمەت نەتىجە يارىتىش» ئارقىلىق «بازارنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شەنشى تېخىمۇ كۆپ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىدۇ

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا بىر قاتار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئاچتى،