2024-يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»دە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-08 10:25
2024-يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»دە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى 7-ئىيۇن جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىدا باشلاندى، جايلار «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش»نى باش تېما قىلىپ، «رەڭگارەڭ جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەمەلىيەت باش تېما كۆرگەزمىسى»، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قاتارلىق 12 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد