ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ھەمبەھرىمەن قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:دىلناز تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-09 10:55

جايلاردىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى رەڭدار،  ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، قوغداش، پايدىلىنىش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ھەمبەھرىمەن قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شەنشى تارىخ مۇزېيى چىن، خەن  سۇلالىرى سارىيىدىكى «شەھەر ۋە قەبرىستانلىق»،  «تېخنىكا ۋە گۈزەللىك» ناملىق كۆرگەزمە  نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىلگىرىكى كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ ئىككى كۆرگەزمىدە كىرىش سۆز ۋە خاتىمە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئوخشاش بولمىغان كىرىش ئېغىزىدىن كىرگەندە، ئوخشاش بولمىغان تەسىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. شەنشى تارىخ مۇزېيى كۆرگەزمە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، كۆرگەزمە لايىھەلىگۈچى رېن شۆلى مۇنداق دېدى :تاماشىبىنلار سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى سەنئەت ۋە تېخنىكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قالتىس سەپەرنى باشلايدۇ، بىز ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر بىر كۆرگەزمە تۈرىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى مەزگىلىدە، نەنچاڭ  شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەيخۇنخۇ بەگلىكى خارابىسى مۇزېيىدا تۇنجى قېتىم يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن خەيخۇنخۇ بەگلىكى ليۇخې قەبرىسىدىكى ئاساسىي جەسەت ساندۇقىدىن چىققان قاشتېشى بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى ھەم بىرلا ۋاقىتتا قېزىۋېلىنغان باشقا بۇيۇملار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەكلىدە بىرلىكتە كۆرگەزمە قىلىندى. جياڭشى ئۆلكىسى خەيخۇن مەدەنىيەت تەرەققىيات ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى :بۇ قېتىم 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى دۇنيا مىراسلىرى كۈنى ئارقىلىق، بىز ئەتراپتىكى گۈەنشىيۈەندە بىر ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەنزىرىسىنى قوشۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن باشقا، يەنە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئەينى چاغدا ئارخېئولوگلارنىڭ نەق مەيداندا ئېلىپ  بارغان  بىر قىسىم ئارخېئولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ جەريانى، ئالاقىدار ئارخېئولوگىيە ساۋاتلىرىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت مىراسلىرى كۈنى مەزگىلىدە، گەنسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، خېنەن قاتارلىق جايلار تەشكىللىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پائالىيىتى 400 مەيداندىن ئاشقان. جياڭسۇ يېڭى دەۋردىكى چوڭ قانال مۇھىم ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇردى. بېيجىڭ سەددىچىن مەدەنىيەت بايرىمى، سەددىچىن سېپىلىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى، جېجياڭ شىخۇ كۆلى، چوڭ قانال ۋە لياڭجۇدىن ئىبارەت ئۈچ مىراس ھەمتۈرتكە بولۇش باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇردى، لياۋنىڭ، خېبېي، ئەنخۇي، خەينەن قاتارلىق نۇرغۇن جايلار ھەقسىز ئېچىۋېتىش ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىقى بويىچە باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى :نۆۋەتتە ،ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش داۋاملىق كۈچەيتىلمەكتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش-مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم بۇرچىغا ئايلاندى. لى چۈن مۇنداق دېدى: 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، نيۇخېلياڭ خارابىسى، ۋۇۋاڭدۈن قەبرىسى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش  داۋاملىق  كۈچەيتىلدى. مەملىكەت بويىچە ئەنگە ئېلىنغان مۇزېي 6833 كە يېتىپ، كۈتۈۋېلىنغان تاماشىبىن سانىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا  يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۈنۈم نامايان قىلىندى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ھەمبەھرىمەن قىلدى

جايلار مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ھەمبەھرىمەن قىلدى