ئىچكى موڭغۇل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلەتتى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئىيۇن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ بايلىقى مول، 21 خىل قېزىلما بايلىق مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ «قېزىلما بايلىق ئامبىرى» دەپ ئاتالغان؛ تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، ئورمان كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدە ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىچكى موڭغۇل بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تىپتىكى خىمىيە سانائىتى، يېشىل دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپ توپى ۋە شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن، زاپاس ساقلاش قاتارلىق 16 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش يوشۇرۇن كۈچى، تەرەققىيات زاپاس كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى موڭغۇل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە جۇڭگو-موڭغۇلىيە-رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى، 2023-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزلىرى رېكورتىنى يېڭىلىدى.
بۇ يىل، ئىچكى موڭغۇل سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى، پەن-تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالتە قۇرۇلۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، «يېڭى يول ئېچىش، ئىلگىرىلەش» نىشانىغا قاراپ تېز قەدەم تاشلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت