مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇردى
جايلار دۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە زۇڭزا تۈگۈش، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، زەرنىخ ھارىقى ئىچىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ بايراملىق تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھىرى جياڭنەن رايونى سۇيۈ بازىرىنىڭ كوچىلىرى قويۇق دۈەنۋۇ بايرىمى تۈسىگە كىردى. يېڭى ھېركلوتس يوپۇرمىقى نۇرغۇن يايمىلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تىزىلدى، ئاشخانىلاردا ھورى چىقىپ تۇرغان زۇڭزا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تائاملارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. لياڭ خانىم سۇيۈ بازىرىدا 20 نەچچە يىل زۇڭزا ساتتى، بۇ ئىككى يىلدا، ئۇنىڭ ھۈنىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كېلىدىغانلار كۆپەيدى. لياڭ خانىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل زۇڭزا ناھايىتى كۆپ سېتىلدى، يېتىشەلمەي قالدىم، بىر كۈندە نەچچە يۈز زۇڭزا ساتالايمەن، ئوننى، يىگىرمىنى ھەتتا ئەللىكنى سېتىۋالىدىغانلارمۇ بار، ھەر پەسىلدە سۇ پەسىلنىڭ ئېسىل تائاملىرى بار، نەننىڭدىن كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كېلىپ سېتىۋالىدۇ.
17-نۆۋەتلىك لوديەن ئەجدىھا كېمە مەدەنىيەت بايرىمى شاڭخەي شەھىرى باۋشەن رايونى لوديەن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۆزگىچە، قەدىمىي تۈسكە ئىگە لوديەن ئەجدىھا كېمىسى مېيلەن كۆلىدە نامايەن بولدى، رولچى كېمىنى دەسسەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، قېيىق ھەيدىگۈچىلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى، بۇ كۆرۈنۈش كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى «دۈەنۋۇ بايرىمى − لوديەندە ئەجدىھا كېمىسى ھەيدەش ئۆرپ-ئادىتى» بويىچە باۋشەن رايونىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جاڭ گوجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۈرئەت قوغلىشىدىغان «ئەجدىھا كېمە مۇسابىقىسى» گە ئوخشىمايدىغىنى لوديەندە ئەجدىھا كېمىسى ھەيدەش ئۆرپ-ئادىتىدە ئويۇن قويۇش، يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. لوديەن سۈرئەتكە ئەھمىيەت بېرمەي، ئويۇن كۆرسىتىشكە كۈچ چىقىرىپ، كۆرۈرمەنلەرنى ھۇزۇرلاندۇردى.
بۇ يىل ئەجدىھا كېمە مەدەنىيەت بايرىمىدا، ساياھەتچىلەر ئەجدىھا كېمە ھەيدەش ئويۇنىنى كۆرگەندىن باشقا، يەنە لوديەندىكى رەڭلىك چىراغ، خۇشپۇراق خالتا ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن ھۇزۇرلاندى. شاڭخەي شەھىرى باۋشەن رايونى لوديەن بازىرى ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ چى مۇنداق دېدى: ھازىر بىز لوديەن ئەجدىھا كېمىسى مەدەنىيەت بايرىمىنى مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، تەنتەربىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۇنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈردۇق.
دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، بېيجىڭ تاۋرەنتىڭ باغچىسىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. ئۇچىسىغا ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك كىيگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇتەخەسسىسلىرى ساياھەتچىلەرگە زەرنىخ ھارىقى تۇتۇپ، رەسىم سىزىپ بېرىپ ۋە قوڭغۇراق ياساپ بېرىپ، تىنچ-ئامانلىق تىلىدى. جوڭفەن، فېيجيا قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئويۇنىمۇ تاۋرەنتىڭ باغچىسىدا مەركەزلىك نامايەن قىلىندى، جىن شى لەگلىكى، بېيجىڭ ياللىق ئادىمى، خېمىر ھەيكەل قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر يەرگە جەم قىلىندى، بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىسى لى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۇنى ئىنتايىن ياقتۇردى. لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يەنىلا ناھايىتى ئېسىل ئىكەن، تاۋرەنتىڭ باغچىسى ئەسلىدىنلا قەدىمىي تۈسكە، مول مەدەنىيەتكە، ناھايىتى كۆپ رەڭدارلىققا ئىگە، بولۇپمۇ بالىلار بۇ ئېسىل نەرسىلەرنى كۆپرەك چۈشىنىشى كېرەك، بۇ ئېسىل نەرسىلەرنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار