ئېلىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇن «2023-يىللىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىگە دائىر ئالدىن سىگنال ۋە كۆزىتىش ئاخباراتى» نى ئېلان قىلدى، «ئاخبارات» تا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، قىسمەن دېڭىز رايونلىرىدا ياخشىلىنىش بولغان، تىپىك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ چېكىنىش يۈزلىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەنگەن.
«ئاخبارات»تا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھازىر دېڭىزغا ئالاقىدار تەبىئىي مۇھاپىزەت ئورنىدىن 352 سى بار بولۇپ، قوغدىلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكى 93 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەن، قوغداش ئوبيېكتى غەربىي تىنچ ئوكيان ئالا تىيۇلېنى، جۇڭخۇا ئاق دېلفىنى، دېڭىز تاشپاقىسى، زىخچە بېلىق قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق دېڭىز- ئوكيان جانلىقلىرى ۋە مارجان خادا تاشلىرى، دېڭىز ئوتلۇقى، مانگرو ئورمىنى، دەريا ئېغىزى، دېڭىز قولتۇقى قاتارلىق تىپىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە دېڭىز ئاستى قەدىمىي ئورمان ئىزنالىرى، گېئولوگىيەلىك ئىزنالار قاتارلىق يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدىكى قوغداش تورى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار