ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۈەنۋۇ بايرىمىدا كىچىك «زۇڭزا» چوڭ «كەسىپ»كە تىرەك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-10 10:50

10-ئىيۇن دۈەنۋۇ بايرىمى. كىچىككىنە زۇڭزىدىن مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پۇرقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئىلغار زۇڭزا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى كىچىك زۇڭزىنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى.

خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى فېيشياڭ رايونى تيەنتەيشەن بازىرىنىڭ نەنشيېپۇ كەنتى 600 نەچچە يىللىق زۇڭزا تۈگۈش تارىخىغا ئىگە. نەنشيېپۇ كەنتىدە 200 دىن ئارتۇق ئائىلە، 700 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى يىل بويى زۇڭزا تۈگۈش، ئوراش-قاچىلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر سۇڭ جياچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زۇڭزا كەسپى تيەنتەيشەن بازىرىنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسپىگە ئايلاندى. 2020-يىلى بىز زۇڭزا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، يېمەكلىك ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، 50 نەچچە ئىش ئورنى ياراتتۇق. زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان زۇڭزا مىكروبسىزلاندۇرۇلغان ۋە ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئۆلكىگە سېتىلدى.

خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجۇ شەھىرى داۋشيەن ناھىيەسىدە ئەنئەنىۋى قولدا تۈگۈلگەن زۇڭزا «شال پاخىلى سۈيى زۇڭزىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، شال پاخىلى سۈيى يېمەكلىك تۇزى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇ جايدىكى بىر زۇڭزا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ گۈيئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋشيەن ناھىيەسىنىڭ زۇڭزىسى شال پاخىلى سۈيىدە تۈگۈلىدۇ، شۇڭا ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۇزۇن. باشقىلار زۇڭزىنى قانچىلىك ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى؟ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ دېۋىدىم، ئۇلار قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، سىلەر چىرىشتىن ساقلاش دورىسى سالمىساڭلارمۇ بولامدۇ، دېيىشتى؟ بىز ئىشلەتكەن تۇز شۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە، پۇرىقىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.

جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ سۈيچاڭ ناھىيەسىدە تۈگۈش ئۇسۇلى، شەكلى ئۆزگىچە ئۇزۇن زۇڭزا تۈگۈلىدۇ، بۇ زۇڭزا ئۆزگىچە بامبۇك يوپۇرمىقىدا ئورالغان، سۈيچاڭ ناھىيەسىدە ياۋا بامبۇك يوپۇرمىقى بايلىقى 300 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. سۈيچاڭ ناھىيەلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى ياڭ سۇڭچاڭ مۇنداق دېدى: يەرلىك مەبلەغ سېلىپ جەنۇبىي جېجياڭ بامبۇك يوپۇرمىقى بازىرىنى قۇرۇپ، بامبۇك يوپۇرمىقىنى ئۈزگەن 5000 دېھقاننىڭ ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كىرىمگە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىلگىرى بامبۇك يوپۇرمىقىنى ئۇششاق سودىگەرلەر سىتىۋالاتتى، شۇڭا سۈپەت ۋە مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئەمەس ئىدى، چوڭ خېرىدارلار بىلەن باھا كېلىشىش ئىقتىدارى يوق ئىدى. ھازىر بىز سۈيچاڭنىڭ بامبۇك يوپۇرمىقىنى يەرلىك ماركىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي يەنە بامبۇك يوپۇرمىقىنى سېتىۋېلىش باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق.

سۈيچاڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇاگېن مۇنداق دېدى: ئۇزۇن زۇڭزا كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىرغىچە مەھسۇلات قىممىتىمىز 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئاساسىدا، مەھسۇلاتلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك بولدى، ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ماس كەلدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۈەنۋۇ بايرىمىدا كىچىك «زۇڭزا» چوڭ «كەسىپ»كە تىرەك بولدى

دۈەنۋۇ بايرىمىدا كىچىك «زۇڭزا» چوڭ «كەسىپ»كە تىرەك بولدى