35 شەھەر 5G-A يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە ئاچتى
2019-يىلى 6-ئايدا، 5G ئېلىمىزدە سودىدا رەسمىي ئىشلىتىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، 5G نى قوللىنىش خەلق ئىگىلىكىدىكى 74 چوڭ تۈرگە كىرگۈزۈلدى. بۇ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدى.
ھازىر ئېلىمىزدە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 3 مىليون 748 مىڭى قۇرۇلۇپ، 5G تورى «ھەممە ناھىيەنى قاپلاش» تىن «ھەممە كەنتنى قاپلاش »قا تەرەققىي قىلدى. %90 تىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتىدا تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سودىدا ئىشلىتىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن %20 تۆۋەنلىدى. 5G كەسپىدە قۇرۇپ چىقىلغان مەخسۇس تور 30 مىڭدىن ئاشتى. جۇڭگو خەۋەرلىشىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋېن كۇ: 5Gخەلقئارا ئۆلچىمى 5G-A باسقۇچىغا كىردى. 5G-A يەنە 5G.5 دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ 5G دىن G6 گە قاراپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار