مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 546 مىليون يۈەن ئاجراتتى
مالىيە مىنىستىرلىقى 4-ئىيۇل يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 546 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 447 مىليون يۈەن خېيلۇڭجياڭ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا، 99 مىليون يۈەن ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى