جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى كۆرسەتكۈچى ئۇدا تۆت ئاي ئۆرلىدى
جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 4-ئىيۇل جۇڭگونىڭ 6-ئايلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى كۆرسەتكۈچىنىڭ 114.8 نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.9 نۇقتا ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى بازىرىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئىككى تەرەپتە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي كەسىپ مىقدارى كۆرسەتكۈچى، يېزا كەسىپ مىقدارى كۆرسەتكۈچى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى كۆرسەتكۈچى ئۇدا تۆت ئاي ئاشقان ھەمدە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى