ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوخەي دېڭىزى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-05 14:41

  مۇخبىرنىڭ قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بوخەي دېڭىزى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى 4-ئىيۇل خېبېينىڭ جىڭتاڭ پورتى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مانېۋىردا نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىدىكى بىر پاراخوتقا ئوت كېتىپ نېفىت چىقىپ كېتىش، ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، نېفىت چىقىپ كېتىش بۇلغىنىشىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر نۇقتىلىق مەشىق قىلىنىپ، نېفىتلىك مەشغۇلات پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوخەي دېڭىزى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرنىڭ قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بوخەي دېڭىزى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى 4-ئىيۇل خېبېينىڭ جىڭتاڭ پورتى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن