ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇزېي تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتى داۋاملىق ئەۋج ئالماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-07 11:33

يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن مۇزېي تەتقىقات ساياھىتى داۋاملىق جانلاندى. جايلاردىكى مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي ئېسىل كۆرگەزمە ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇردى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى لياڭجۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىغا بەش يىل بولغان كۈن، شۇنداقلا 5- خاڭجۇ لياڭجۇ كۈنى. جېجياڭنىڭ لياڭجۇ مۇزېيىدا «لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى.تولەيدو قەدىمىي شەھىرى» جۇڭگو-غەرب مەدەنىيلىكى سۆزلىشىشى، «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» باش تېما قىلىنغان لېكسىيە قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، لياڭجۇ خارابىسىنى، لياڭجۇ مەدەنىيىتىنى چۈشەندى.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو قەدىمكى ھايۋانلار مۇزېي يېقىندا نۇرغۇن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە بارىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. «بازار سارىيىنىڭ گۆھىرى»-دۇڭ جەمەتى جۇڭخۇا ئەجدىھاسى كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، ساۋاقداشلار قىزىقىپ تەپسىلىي كۆردى.

جۇڭگو قەدىمكى ھايۋانلار مۇزېي ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كۇڭ مىڭجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مۇزېي مۇددەتتىن بۇرۇن كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى. مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىن كېلىشىپ قويغان ساياھەتچىلەرنىڭ مۇزېيغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى؛

ئەنخۇي يېڭىلىق يارىتىش سارىيى ئېلىمىزدىكى يېڭىلىق يارىتىشنى باش تېما قىلغان تۇنجى ساراي شۇنداقلا دۆلەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى. بۇ يازلىق تەتىلدە ئەنخۇي يېڭىلىق يارىتىش سارىيى ئۆزىدە بار بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقىغا تايىنىپ، يازلىق تەتىلدە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ساياھەت نادىر دەرسلىكىدىن 6 نى تەسىس قىلدى. بالىلارغا نەق مەيداندا دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل





中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇزېي تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش ساياھىتى داۋاملىق ئەۋج ئالماقتا

يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن مۇزېي تەتقىقات ساياھىتى داۋاملىق جانلاندى. جايلاردىكى مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي ئېسىل كۆرگەزمە ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى