خۇنەن خۇارۇڭ تۇەنجۇيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلى بىرىنچى سېپىدىكى يار ئېلىپ كەتكەن توسمىلارنى ئېتىش خىزمىتى كېچىلەپ داۋاملىق ئىشلىنىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى
خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۇەنجۇيۈەندىكى دۇڭتىڭخۇ كۆلى توسمىسىنى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن يار ئېلىپ كەتتى. خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جاي دەرھال بىر تەرەپ قىلىش، يارنى ئېتىشكە تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن رايوندىكى ئاممىنى يۆتكىدى. ھازىر يار ئېلىپ كەتكەن ئېغىزنى ئېتىش مەشغۇلاتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل