جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى سىناپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشقا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا