يار ئېلىپ كەتكەندىن كېيىنكى 24 سائەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما جىددىي يۆتكەلدى
خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسىنىڭ تۈەنجۇيۈەندە 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۇڭتىڭخۇ كۆلى توسمىسىنى يار ئېلىپ كېتىپ، كەلكۈن تۆۋەن ئېقىندىكى كەنتلەرگە ئېقىپ كىردى.
خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى كەلكۈن ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، خۇارۇڭ ناھىيەسىگە ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى، پارتىيە ئەزالىرى كېمە زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېچىلەپ قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش، يۆتكەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
قاراڭغۇدىكى سۇ يۈزىدە دەرەخنىلا كۆرگىلى بولاتتى، سۇ شىددەتلىك ئېقىۋاتاتتى. 12 ياش پارتىيە ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن سۇ رايونىدا قۇتقۇزۇش ئەترىتى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يار ئېلىپ كەتكەن جايغا يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان تۈەندۇڭ كەنتىگە باردى، بۇ كەنتتە 40 نەچچە ئاھالە قاپسىلىپ قالغان ئىدى.
كېمە تېيىز سۇدا بىر نەچچە قېتىم توختاپ قالدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى سۇدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئىزدەپ، ئاخىرى قاپسىلىپ قالغان كەنت ئاھالىلىرىنى تاپتى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قاپسىلىپ قالغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولۋاققا چىقىشىغا ياردەملىشىپ، نەچچە قېتىم قاتناپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى.
قۇتقۇزۇش يېرىم كېچىدىن سەھەرگىچە داۋاملاشتى، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت بەشتە، تۈەنبېي كەنتى، تۇەنشېڭ كەنتىدە نۇرغۇن قۇتقۇزۇش خادىملىرى قولۋاقنى ھەيدەپ قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ بار-يوقلىقىنى بىرمۇ بىر تەكشۈردى.
يار ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى قاپسىلىپ قالغان 374 ئاممىنى قۇتقۇزدى ۋە تارقاقلاشتۇردى، ئارقىدىن توسمىنى چارلاپ خەتەرنى تەكشۈرۈش، ئەشيالارنى توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا