پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويىدا قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. پايتەختتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ياپون تاجاۋزۇچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ھەققىدىكى شېئىرلارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدى، پايتەختتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خور ئۆمىكى «ئىتتىپاقلىق كۈچ»، «كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى» دېگەن ناخشىلارنى ئېيتىپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلاش قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.
ئارقىدىن ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئاستا قەدەم بىلەن پەلەمپەيگە چىقىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى سارىيىنىڭ كىرىش زالىغا تەرتىپ بويىچە كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا سىمۋول قىلىنغان چوڭ تىپتىكى قاپارتما نەقىش «پولات قورغان» ئالدىغا گۈلدەستە قويدى، ھەمدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا تازىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا