ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-08 15:04

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقى خاتىرىلەندى.
تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەش كېرەك. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا، ھەر ساھە ۋەكىللىرى سۈكۈتتە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا گۈل تەقدىم قىلدى.
جياڭشىنىڭ نەنچاڭدىكى يېڭى 4-ئارمىيە ئىشتابىنىڭ كونا ئورنى كۆرگەزمىخانىسىدا «دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماي، جۇڭخۇانى سۆيۈش» ناملىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. شەنشىنىڭ يەنئەن، خېبېينىڭ خەندەن شەھەرلىرىدە 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چىلىنىپ، كىشىلەرگە دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنتۇماي، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش ئەسكەرتىلدى.
تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك. شېنياڭ «18-سېنتەبىر» تارىخىي مۇزېيىدا، خاربىندا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسىمىنىڭ جىنايەت پاكىتلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا، جىلىننىڭ تۇڭخۇادىكى شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە خاتىرە سارىيىدا، كىشىلەر تارىخ كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش يىللىرىنى ئەسلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى. ئەنخۇينىڭ تيەنچاڭدا، ياش پارتىيە ئەزالىرى جۇڭگو خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەربىي سىياسىي داشۆسى 8-شۆبە مەكتىپى خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ياد ئەتتى. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ باكتېرىيە ئۇرۇشى چۈجۇ كۆرگەزمىخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، جانلىق قىزىل باش تېمىلىق تەربىيە دەرسى ئاڭلىدى. سەنشى داتۇڭنىڭ پىڭشىڭگۈەندىكى زور غەلىبە خاتىرە سارىيىدا، بىر قاتار سۈرەت ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، ياش ئەۋلادلارنى قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.
پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر قايسى قىسىملار كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، رەتلىك تىزىلىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى؛ پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى كارىدورىغا كىرىپ كۈرەش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، بۇ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى تارىخنى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 87 يىللىقى خاتىرىلەندى.