ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-08 15:10

يېقىندا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەستىقلاپ قۇرغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 30 مىليارد يۈەنلىك يەر مۈلكىنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس فوندى بېيجىڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. فوندنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 30 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، مۇددىتى 10 يىل بولۇپ، ئىككى يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ. مەخسۇس فوندنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە يەر بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەشتە يېڭى قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى، قورغاس چېگرا ئېغىزىدا قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 7746 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى. ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو-ياۋروپا بىلەن بولغان يۈك تىرانسپورتىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى، قورغاس چېگرا ئېغىزىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۈنىگە قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 40 تىن ئاشتى.

 

23-نۆۋەتلىك چىڭخەي كۆلىنى ئايلىنىش خەلقئارا تاشيول ۋېلسىپىت مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلاندى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 22 كوماندىدىكى 154 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە شىنىڭ شەھىرىدىن باشلىنىپ، خەيدۇڭ شەھىرى، خەينەن ئوبلاستىدىن ئۆتىدۇ، خەيبېي ئوبلاستىنىڭ مېنيۈەن ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 1214 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تاغلىق، ئېدىرلىق قاتارلىق مۇسابىقە بۆلەكلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

 

2024-يىللىق دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ خەلقئارا تىياتىر پەسلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك تىياتىر پەسلى 6 ئاي داۋاملىشىدۇ، جۇڭگو، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ داڭلىق تىياتىر ئەسىرى ئارقا-ئارقىدىن قويۇلىدۇ، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر، ئاۋازسىز تىياتىر، ئەلنەغمە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېمىسى كەڭ، تۈرى مول بولۇپ، تاماشىبىنلارغا دۇنيا تىياتىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىياپىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىندا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەستىقلاپ قۇرغان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 30 مىليارد يۈەنلىك يەر مۈلكىنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس فوندى بېيجىڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.