ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو «يادرو گۈزەل ماكانى» ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆپ دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى جۇڭگونىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ئالقىشلاپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-08 15:13

جۇڭگو دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى يېقىندا ئۇيۇشتۇرغان «يادرو گۈزەل ماكانى» ناملىق يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش باش تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بۇ قېتىمقى جۇڭگو سەپىرىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ۋە يادرو تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، مېدىتسىنا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار ساھەلەردىكى يادرو تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى. دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئارگېنتىنا، جەنۇبىي ئافرىقا، گانا، كېنىيە قاتارلىق 11 دۆلەتتىن كەلگەن ۋيېنادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىلىرى، ئەلچىلىرى تەكلىپكە بىنائەن خەينەن چاڭجياڭ يادرو ئېلېكتىر بازىسى «لىڭلۇڭ 1-نومۇر» كىچىك تىپتىكى مودۇل دۆۋىسى، جۇڭگو ئاتوم ئېنېرگىيەسى پەن تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.
يادرو تېخنىكىسى ساھەسىدە، توك تارقىتالايدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن باشقا، يەنە ئىررادىياتسىيەلىك باكتېرىيە يوقىتىش، تېببىي داۋالاش، سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يادرو تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ. بېنگالنىڭ ۋيېنادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى سىيام مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ يادرو تېخنىكىسىدىكى نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنى كۆردۇق، بۇ توك تارقىتىش ھەمدە يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسى، تېببىي دورا ساھەسىدە قوللىنىلىشى، شۇنداقلا يادرو ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ساھەلەردە، جۇڭگو ئىنتايىن ئىلغار ۋە يېڭى تەجرىبە ۋە تېخنىكىغا ئىگە، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردىمى بار.
بىرمىنىڭ ۋيېنادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى مىن سېن مۇنداق دېدى: بىرما تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بىز جۇڭگودىن ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان نۇرغۇن ئەمەلىي نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. بىز ئاساسلىقى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىپ، يادرو ئېنېرگىيەسى بايلىقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ليۇ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە «خۇالۇڭ 1-نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈسكۈنىلىرىمىز دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاموژننىدا چېگرا تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىپ، يەر شارىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو «يادرو گۈزەل ماكانى» ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆپ دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى جۇڭگونىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ئالقىشلاپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى ئۈمىد قىلدى

جۇڭگو دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى يېقىندا ئۇيۇشتۇرغان «يادرو گۈزەل ماكانى» ناملىق يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش باش تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى