جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى
«يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش» ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 15-ئىيۇلدىن 18-ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، يىغىندا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېڭى مەنزىلگە كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
«يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە، جايلار، تارماقلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ئىزدىنىشى، يېڭى تەدبىرى، يېڭى ئۈنۈمى نامايان قىلىنغان.
بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا مۇھىم ئۆتكەلدىن ھالقىپ، 126 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
سۈپەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەن 10 يىلدا، ئېلىمىز يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.3 لىك ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئېشىشىغا تىرەك بولۇپ، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى. 2023-يىلى ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2012-يىلىدىكىدىن 27.1 پوئېنت ئېشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى.
ئۈنۈم ئۆزگىرىۋاتىدۇ. جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ سانائەتكە قوشقان تۆھپىسى %50گە يېقىنلاشتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %57 تىن %73 كە ئۆرلىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگودىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئاشتى.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. رەقەملىك يادرولۇق كەسىپلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %10 گە يېتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسى ۋەكىللىكىدىكى «ئۈچ يېڭى» ئىقتىسادنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئاشتى. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ماڭماقتا.
2012-يىلىغا نەزەر سالساق، نەچچە ئون يىللىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۇزاقتىن بۇيان جۇغلانغان چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر تەدرىجىي كۆرۈلۈپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. دۇنياغا نەزەر سالساق، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، سودا قورۇقچىلىقى ۋە «دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش» يوشۇرۇن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكۈر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە كەڭ دۇنياۋى نەزەر بىلەن، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى چىقاردى. يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ئىسلاھات يېڭى ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە موھتاج، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر ئىسلاھات باشلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى ئىقتىسادنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش ئاساسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى تەپەككۇرنى، دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تاللاشنى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئۆزى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ شاڭخەيدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇ سەنشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ساھەلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى يولىنى بالدۇرراق تېپىپ چىقىش كېرەك. ئۇ سىچۈەن، خېيلۇڭجياڭ، جېجياڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويىدىغان توسۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ ئېچىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى بازار سىستېمىسى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىش قارار قىلىنىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي رامكىسى تۈزۈلدى.
مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرى تۈگىتىلىپ، سانلىق مەلۇمات تۇنجى قېتىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، يەر، ئەمگەك كۈچى، كاپىتال، تېخنىكا، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار تېز شەكىللەندۈرۈلدى؛ زامانىۋى مالىيە-باج تۈزۈمى ئورنىتىش تېزلىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئوچۇق ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمە تېز بەرپا قىلىندى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مىسلىسىز، بۇزۇش بىلەن ئورنىتىش تەڭ ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى.
يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى، جايلىشىش يۆنىلىشى، تەڭشەش مېخانىزمى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىي قىلىپ زورايدى، تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تىزىمغا ئالدۇرغان پۇقراۋى كارخانا 53 مىليوندىن ئېشىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 3.9 ھەسسە ئاشتى. تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ بازارلىشىش، قانۇنچىللىشىش، خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلىتىمىز دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە، پۇل قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلىنىپ، يېڭى قۇۋۋەت ساغلام راۋاجلاندى. تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جۇڭگو ئىقتىسادى تۆۋەن سەۋىيەدىكى تەمىنات بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىدىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەمىنات بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىغا كۆتۈرۈلدى. ئەمەلىي ئىقتىساد زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېزلىتىلدى. 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %9.4 تىن %15.7 كە يەتتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى سانائەتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن سانائەت بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىگە تايىنىشقا ئۆزگەردى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋەت كۆرسەتكۈچى 2014-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى %25 تىن كۆپرەك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىدا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش توختاپ قالمايدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوت شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، بوران-چاپقۇندىن قورقماي پۇختا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭماقتا.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل