ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

70 نەچچە سائەت كەلكۈن بىلەن ئېلىشىپ، دۇڭتىڭخۇ كۆلىدىكى يار ئېلىپ كەتكەن تۇەنجۇيۈەن يار ئېغىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-09 10:34

  70 نەچچە سائەت جىددىي خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۈەنجۇيۈەن توسمىسىنىڭ دۇڭتىڭخۇ كۆلى بۆلىكىدىكى 226 مېتىر يار ئېلىپ كەتكەن جاي 8-ئىيۇل سائەت 22 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە جاي ئېتىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى.

  8-ئىيۇل كەچتە تۇەنجۇيۈەن توسمىسى كۈندۈزدەك يورۇپ كەتتى. يار ئېلىپ كەتكەن جاينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر ھارۋا تاشنى سۇغا چۈشۈرۈپ، 226 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يار ئېلىپ كەتكەن توسمىنى ئەتتى. بۇ ۋاقىتتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىغا چىقىپ قىزىل بايراقنى پۇلاڭلاتتى، چۇقان ۋە گۈدۈك ئاۋازى ئاسماننى لەرزىگە سالدى.

  جۇڭگو ئەننېڭ گۇرۇھى 1-ئىدارىسى چاڭشا بازىسىنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خادىمى شياۋ ۋەنشۈن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ بۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتقىنىغا بىر نەچچە كۈن بولدى، ھاياجىنىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز. شياۋ ۋەنشۈن: 5-ئىيۇلدىن باشلاپ كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىۋاتقان بولغاچقا، مەن ھەر كۈنى 5-6 سائەت ئەتراپىدا ئارام ئالدىم. ھاۋا بىر قەدەر ئىسسىق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يار ئېلىپ كەتكەن جاي ئاخىرى بۈگۈن تۇتاشتۇرۇلدى. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بۇنداق تېز بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، دېدى.

  يار ئېلىپ كەتكەن جاي بىر مەھەل 226 مېتىرغا كېڭىيىپ، 47.64 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى سۇ بېسىپ كەتتى، 7000 دىن ئارتۇق ئامما جىددىي يۆتكەلدى. ھەرقايسى تەرەپتىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش كۈچلىرى «ئادەم ئارام ئالسىمۇ، ماشىنا توختىماسلىق، نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات قىلىش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، يار ئېلىپ كەتكەن جاينى ئېتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. نەق مەيداندا توسۇش مەشغۇلاتىغا قوماندانلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان جۇڭگو ئەننېڭ گۇرۇھى 1-ئىدارىسى ئەنلەن پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كاڭ جىنخۇي مۇنداق دېدى: «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىپ ۋەزىپىلەرنى تاماملىدۇق، جۈملىدىن قوش يۆنىلىشلىك توسۇش ۋە پاراخوتتىن تاشلاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ قېتىمقى قىسمەن ئۇسۇللارنى بىز ئىلگىرى قوللانغانىدۇق، بۇ قېتىم بۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا بەزى يېڭىلىقلارنى ياراتتۇق. پاراخوتتىن ماتېرىيال تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق توسۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سىجىللىقىنى ئاشۇردۇق، بۇ بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىدىكى بىر يارقىن نۇقتا.

  كاڭ جىنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يار ئېلىپ كەتكەن جاي تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە يەنە توسمىنى ئېگىزلىتىپ، قېلىنلىتىپ، سۇ سىڭمەس قىلىپ، تاكى ئۇ مۇكەممەل توسما ھالىتىگە كىرىپ رولىنى جارى قىلدۇرغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمىز. ھەممىسى ئالدىن تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ئىلمىي، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتەم كېيىنكى ۋەزىپىلەرمۇ ناھايىتى ئېغىر، لېكىن بىز ئىلمىي، ئەستايىدىل، ئىنچىكە تاماملايمىز. سۇ چىقىرىش يەنە بىر خىزمەت بولۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىغا تەۋە.
جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دۆلەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى خۇبېي، چۇڭچىڭ، گۇيجۇدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى خۇنەننىڭ خۇارۇڭغا رايون ھالقىپ ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، سۇ چىقىرىش، خەتەرنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم جەمئىي 219 ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىمى، 72 ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ۋە سۇ چىقىرىش ئاپتوموبىلى يۆتكەلگەن بولۇپ، 9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ھەممىسى مەشغۇلات نەق مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، خۇنەن ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە سۇ چىقىرىش، خەتەرنى تۈگىتىش مەشغۇلاتىنى بارماقتا.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

70 نەچچە سائەت كەلكۈن بىلەن ئېلىشىپ، دۇڭتىڭخۇ كۆلىدىكى يار ئېلىپ كەتكەن تۇەنجۇيۈەن يار ئېغىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىلدى

70 نەچچە سائەت جىددىي خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى تۈەنجۇيۈەن توسمىسىنىڭ دۇڭتىڭخۇ كۆلى بۆلىكىدىكى 226 مېتىر يار ئېلىپ كەتكەن جاي 8-ئىيۇل سائەت 22 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە جاي ئېتىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى.