ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-09 10:38

  ◄جۇڭگو زاكاز مال كەسپى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە زاكاز مال بازىرىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 281 تىرىليون 510 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.40 ئاشقان. يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق بۆلەكلەرنىڭ سودىسى جانلىنىپ، زاكاز مال بازىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان.

  ◄گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2024-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 440 مىليونغا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر 532 مىليونغا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۆت مىليون 397 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.41 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

  ◄ 8-ئىيۇل تيەنجىن A320 يۈرۈشلۈك ئايروپىلاننىڭ ئاسىيا ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىدە قۇراشتۇرۇلغان 700-ئايروپىلان ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ ئايروپىلاننى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى سودىغا ئىشلىتىدۇ، جەمئىي 180 ئادەتتىكى ئورۇن تەسىس قىلىنغان.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو زاكاز مال كەسپى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە زاكاز مال بازىرىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 281 تىرىليون 510 مىليارد يۈەنگە يېتىپ،