گۇشيەن قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىغا يەنە تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تايانچ قۇرۇلۇش قوشۇلدى
دۆلەتنىڭ مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خۇاڭخې دەرياسى گۇشيەن سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى 9-ئىيۇل رەسمىي قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى. بۇ قۇرۇلۇش 2001-يىلى شياۋلاڭدى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىدا قۇرۇلغان يەنە بىر تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تايانچ قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ، قۇمنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى