ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى پەن-تېخنىكا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-10 10:41

  پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسىنى باستى. ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى سان جۇغلانمىسىدىن سۈپەتكە ھالقىشقا، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىپ، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئاساسى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەندى.

  ئەگەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئىسلاھات بۇ يېڭى موتورنى ياندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدۇر. مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويۇۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە پەن-تېخنىكا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 25-ئىيۇن سائەت 14تىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 6-نومۇرنىڭ قايتقۇچى ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئىچكى موڭغۇلنىڭ دۇربود خوشۇنىدىكى بەلگىلەنگەن رايونغا بىخەتەر قوندى. دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بيەن جىگاڭ مۇنداق دېدى: ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 4-قارارلىق قۇرۇلۇشى يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بۇ قۇرۇلۇشقا پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە مىڭ ئورۇن، نەچچە ئون مىڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى توپلانغان بولۇپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش روھى يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە تاۋلىنىپ، زور پەن-تېخنىكا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يولى ئېچىلدى.

  «چاڭئې» ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈشى، «شېنجۇ» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەمگە سەپەر قىلىشى، «يەتىكەن ناملىق» سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇشى، «كۈرەشچى» ناملىق چۆككىنىڭ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكىشىگىچە...... يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئېلىمىز يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قاتار يادرولۇق تېخنىكا قىيىن ئۆتكەللىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى ۋە ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا--پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى «توسۇق نۇقتىلار»نى ئېچىش. جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى يادرو تەكشۈرۈش ۋە يادرو ئېلېكتىرون ئىلمى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ دوتسېنتى ساۋ پىڭ 20 يىل ئىلگىرىلا يۇقىرى ئۆتكۈر دېڭىز-ئوكيان فىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن شەكىللەنگەن بىر تۈركۈم ئىلمىي ماقالە، پاتېنتلار باشتىن-ئاخىر تەجرىبىخانىدا توختاپ قالغان ئىدى. ساۋ پىڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزلەشتۈرۈلمەسلىكىنىڭ ئۆزى غايەت زور ئىسراپچىلىق. پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى پاتېنتنى ئىشلىتىش ۋە قوللىنىشتىن ئىبارەت بۇ خىل مۇستەقىل ھوقۇققا ئىگە قىلىش كېرەك.

  نەتىجىنى تەجرىبىخانىدىن بازارغا ئوڭۇشلۇق يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى 2020-يىلى نەتىجە ھوقۇقى بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، «ھوقۇق بېرىش+ئۆتۈنۈپ بېرىش+كېلىشىپ پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئەندىزە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسى ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ پېيپېي مۇنداق دېدى: بىز ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى قېزىش، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىمىز.

  «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى»، «پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ تۈزىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىگە ئايلاندى. مەملىكەت بويىچە تېخنىكا توختامىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 2012-يىلىدىكى 600 مىليارد يۈەندىن 2023-يىلى ئالتە تىرىليون 150 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 2021-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش»، «بەيگىگە سېلىش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، خىزمەت ئىستاژىغا ئېسىلىۋالماي، شەرت قويۇۋالماي، ھەقىقىي ئىقتىدارلىق، بىلىملىك پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش، كىرگۈزۈش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارغا قارىتا بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىلىم ئىنتىلىشىنى پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چيەن شۆسېن پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ياش زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى ۋېنخاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى دۆلەت قۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى قىلدى، ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار، ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز كېرەك.

  ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، «پەن تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «پەن تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»تا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تىرەك بولىدىغان تۈزۈم خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك رامكا ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى سىياسىي تۈزۈلمە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ نىڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىمىز.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى پەن-تېخنىكا رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ،