مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى خۇنەن، ئەنخۇي قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، شەھەرنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 231 مىليون يۈەن ئاجراتتى
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا خۇنەن، ئەنخۇي قاتارلىق توققۇز ئۆلكە، شەھەرنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پارتىيە بەدەل پۇلىدىن 231 مىليون يۈەن ئاجراتتى.
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ پارتىيە بەدەل پۇلى ئاساسىي قاتلامغا ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىلىپ، ئاساسلىقى خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سوراش، ئاپەت ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن ھال سوراش، ئاپەت سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئۆز دەرىجىسى بويىچە باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن يانداش مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىشى، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت