ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇڭتىڭخۇ كۆلى تۇەنجۇ توسمىسى ئىچىدىكى كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا، كۆپ تەرەپلەردىكى كۈچلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-10 10:45

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەركەز مالىيەسىنىڭ 848 مىليون يۈەن سۇچىلىق جەھەتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى چۈشۈرۈپ، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق 12 ئۆلكە ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئۆتۈپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن توسما قاتارلىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە مۇۋاپىق تولۇقلىما بەردى.

  نۆۋەتتە، خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھىرى خۇارۇڭ ناھىيەسى دۇڭتىڭخۇ كۆلى تۇەنجۇ توسمىسى ئىچىدە كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلەنمەكتە، كۆپ تەرەپلەردىكى كۈچلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.

  9-ئىيۇل سەھەردە، خۇنەن ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش كەسپىي ئەترىتى تۈەنجۇ توسمىسى دۇڭتىڭخۇ كۆلى 1-سەپ توسمىسىغا بېرىپ، يىغىلىپ قالغان سۇنى تۇنجى تۈركۈمدە چىقىرىۋېتىشكە باشلىدى. يۆياڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى ئۇرۇش مەشىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ساۋ كۇن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نەق مەيداندا ئىككى كەلكۈن سۈيى چىقىرىش ئاپتوموبىلىمىز، ئالتە كەلكۈن سۈيى چىقىرىش پرىتسېپىمىز بار، سائىتىگە 15 مىڭ 600 كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىمىز.

  جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دۆلەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى خۇبېي، چۇڭچىڭ، گۇيجۇدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىپ ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىپ، كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش، خەتەرنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. بۇ قېتىم جەمئىي 219 ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خادىمى، 72 ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يۆتكەپ كېلىندى، 9-ئىيۇل ھەممىسى مەشغۇلات نەق مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، خۇنەن ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش، خەتەرنى تۈگىتىش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو ئەننېڭ گۇرۇھى 1-قۇرۇلۇش ئىدارىسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بيەن فاڭ مۇنداق دېدى: بىز بەش تەرەپتىن كېچىلەپ 130 ئادەم ئاجرىتىپ، 17 يۈرۈش زور مىقدارلىق سۇ سۈمۈرۈش ماشىنىسى، 70 سۇ ئاستى پومپىسى ئارقىلىق سائىتىگە 77 مىڭ كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى چىقاردۇق.

  خۇنەن ئۆلكىلىك سۇ-قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى زېڭ چىمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بولۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يىغىلىپ قالغان بۇ كەلكۈن سۈيىنى 10 كۈن ئەتراپىدا چىقىرىپ بولىمىز.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇڭتىڭخۇ كۆلى تۇەنجۇ توسمىسى ئىچىدىكى كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا، كۆپ تەرەپلەردىكى كۈچلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە

مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە مەركەز مالىيەسىنىڭ 848 مىليون يۈەن سۇچىلىق جەھەتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى چۈشۈرۈپ،