ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-10 10:47

  «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ تىزگىنلەش-باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ تىزگىنلەش-باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى توغرىسىدىكى قاتتىق چەكلىمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تۈرلۈك ئېچىش، قوغداش قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  8-نۆۋەتلىك جۇڭگو-جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى 23-ئىيۇلدىن 28-ئىيۇلغىچە يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ھازىر چېگرا سىرتىدىكى 81 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، چېگرا ئىچىدىكى 27 ئۆلكە كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ تىزگىنلەش-باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى