كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-27 11:26
جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېزدىن كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلدى.
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى 27-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت 6 دە داۋاملىق قارا يامغۇر توغرىسىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 27-ئىيۇل كۈندۈزى، خۇنەننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرى، فۇجيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ جىلىننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، لياۋنىڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسمى، خېبېينىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى