پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-27 11:31
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى 26-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. مۇ خۇڭ دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچ ۋەزىپىسى، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى شەرھلەپ، «قارار»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى ھەمدە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تونۇشى، تەسىراتىنى بايان قىلدى.
بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 700 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى