جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-28 09:42
بېيجىڭ ۋاقتى 28-ئىيۇل سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 400 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ ئەركىن سۇ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئاياللار 100 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە ئەرلەر 100 مېتىرغا پاقىچىلاپ ئۈزۈش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جاڭ يۈفېي، تەن خەيياڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، جۇڭگو كوماندىسى قىسقىغىنە يېرىم سائەت ئىچىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار