مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى گۇاڭدۇڭ، فۇجيەندە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-28 10:46
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۈنمىڭ 27-ئىيۇل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلىدى. خۇاڭ كۈنمىڭ دوكلاتىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچ-ۋەزىپىسىنى، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.
خۇاڭ كۈنمىڭ يەنە گۇاڭدۇڭنىڭ ياڭجياڭ شەھىرىگە بېرىپ، كارخانا، پورت، كەنت-بازار ۋە مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ فۇخەي 27-ئىيۇل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلىدى. جاڭ فۇخەي جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ زور ئەھمىيىتى، زور پىرىنسىپى، زور تەدبىرى ۋە تۈپ كاپالىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى ۋە چۈشەندۈردى.
جاڭ فۇخەي يەنە فۇجۇ تەيجياڭ رايونى ساڭشيا مەھەللىسىگە بېرىپ، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت