ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-28 11:15
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى27-ئىيۇل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تۈرلۈك ماكرولۇق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم، بىر قەدەر تېز ئاشتى، كارخانىلارنىڭ پايدىسى سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.1 پويىنت تېز بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 6-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى %3.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 5-ئايدىكىدىن 2.9 پوئېنت تېز بولدى.
كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 41 سانائەت چوڭ تۈرى ئىچىدە، 32 كەسىپنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، ئېشىش دائىرىسى %78 بولۇپ، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن. سەيدى تەتقىقات يۇرتى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گۈەن بىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر 100 يۈەنلىك تىجارەت كىرىمىدىكى تەننەرخى 85.27 يۈەن بولۇپ، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە 0.1 يۈەن ئازايدى. بۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كارخانىلارنىڭ بىرلىك تەننەرخىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن ئازىيىشى.
ياسىمىچىلىقنى ئىلغارلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەت پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەت پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %60 تىن ئاشتى. ئەقلىي يان تېلېفون، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاپتوموبىل كەسپى پايدىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %24 ۋە %10.7 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، كېمىسازلىق كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچى سىجىل ئېشىپ، زاكاز تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، تۆمۈر يول، كېمىسازلىق، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ پايدىسىنىڭ %36 ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 

 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى