جايلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-28 11:18
مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسى 28-ئىيۇل سەھەر سائەت 6 دە داۋاملىق قارا يامغۇر قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە، 29-ئىيۇل سائەت 8گىچە، خۇنەننىڭ شىمالىي ۋە غەربى، گۇيجۇنىڭ شەرقىي شىمالى، چۇڭچىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبى، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە شەندۇڭنىڭ شىمالى، لياۋنىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي، جىلىننىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خۇنەننىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قارا يامغۇر ياغىدىكەن. جايلار ئورۇنلاشتۇرمىنى كۈچەيتىپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا