يازلىق تىرانسپورت بازىرىدا تەمىنات بىلەن ئېھتىياج تەڭ جانلاندى
نۇرغۇن تارماقلارنىڭ قاتناش مۇلازىمەت كاپالىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، بۇ يىل يازلىق تىرانسپورت بازىرىدا تەمىنات بىلەن ئېھتىياج تەڭ جانلىنىپ، «كۆچمە جۇڭگو»نىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى. بۇ يىللىق يازلىق تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 170 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى.
جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى جياڭبېي يېڭى رايونىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىسى جۇ ئەپەندى بالىسىنى ئېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقتى، شۇ جاي يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۈچۈن توك قاچىلاش ھەققىدە ئېتىبار بېرىش، ئاپتوموبىللارنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى. ئۇ مەن يولبويى ۋەتەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندىم، توك قاچىلاشمۇ قولايلىق ئىكەن دېدى.
خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە كەسپى بۆلۈمىنىڭ ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات كەسپى دىرېكتورى كوڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان، ئايرودۇرۇمنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 190 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %6 ئاشتى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ كۆپەيدى. خەلقئارا ۋە رايون بويىچە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 44 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، نۆۋەتتە، پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىن فىرانكفورت، لوندون، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرگە ھەر ھەپتىدە بېرىپ-كېلىدىغان ئايروپىلان 20 قېتىمدىن ئاشتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازلىق تەتىلدە، لەنجۇ-جاڭيې يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ لەنجۇ-ۋۇۋېي بۆلىكى، چىجۇ-خۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، فاڭچېڭگاڭ-دۇڭشىن تۆمۈريولى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى لىنىيەلەر كۆپىيىپ، تىرانسپورت سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، تىرانسپورت تەمىناتى ياخشىلىنىپ، يازلىق تەتىللىك ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى دەي بىن مۇنداق دېدى: يېڭى لىنىيەلەرنىڭ ئېچىلىشى، بولۇپمۇ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرگاھلىرىدىن ئۆتىدىغان لىنىيەلەرنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول + ساياھەت» كەسىپ ھالىتى بارلىققا كەلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار