مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى جايلاردا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا شاڭخەي، خۇبېي، خېبېي قاتارلىق جايلاردا لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شاڭخەيدە لېكسىيە سۆزلىدى. چېن جىنىڭ دوكلاتىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسى، ئاساسلىق نەتىجىسى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلدى ۋە چوڭقۇر شەرھلىدى.
چېن جىنىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر، چىقىرىلغان زور ئورۇنلاشتۇرمىلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. شاڭخەي 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش شۇجىنىڭ شاڭخەينى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى تاپشۇرغان زور ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
چېن جىنىڭ يەنە شاڭخەي كۈچنى مۇجەسسەملەش قۇرۇلۇشى مۇزېيىغا بېرىپ، مەھەللە، كارخانا، مەكتەپتىن كەلگەن ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە تەشۋىق قىلدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز بەنگۇڭتىڭىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ شياڭفېڭ خۇبېينىڭ ۋۇخەندە لېكسىيە سۆزلىدى. دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى» زىچ چۆرىدىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىگىلەش قاتارلىق بەش جەھەتتىن نۇقتىلىق يېشىپ بېرىلدى.
مېڭ شياڭفېڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر پارتىيە، ھېچقانداق بىر دۆلەت پارتىيەمىزگە ئوخشاش زور سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولغان ئەمەس، بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات، بۇنداق كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھات، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويغان ئەمەس.
مېڭ شياڭفېڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنە خۇبېينىڭ شياڭياڭغا بېرىپ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شىجياجۇاڭدا لېكسىيە سۆزلىدى. ۋاڭ ۋېنتاۋ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چۆرىدەپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىدى.
ۋاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەردە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە تايىنىلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا يەنىلا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك.
ۋاڭ ۋېنتاۋ يەنە شيۇڭئەن يېڭى رايونى، شىجياجۇاڭ خەلقئارا بىيو تېببىي دورا باغچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەم كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭدۇڭ بۆلەك رايونى نەنۋېنيىڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيشياۋ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى تېپىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت