كۆپ تەرەپ سىشىن توسمىسى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى
مەركىزىي ھاۋا رايى ئىستانسىسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 6 دە داۋاملىق قارا يامغۇر قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى. «گېمېي» ناملىق 3-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنىنىڭ قالدۇق ئايلانما ئېقىمى ۋە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى قىسمەن دەريا ئېقىنلاردا كەلگۈسى ئىككى كۈندە كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كېتىشى، سۇڭلياۋ ۋادىسىدىكى قىسمەن دەريا ئېقىنلاردا كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. جايلار تېزدىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا