ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-29 12:36

*مۇخبىرنىڭ چېڭدۇ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون 930 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئېشىپ، ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز رايونغا ئايلانغان، ئاساسلىق ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

 

*مۇخبىرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 25 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭ بىلەن 183 ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالىغان، بۇ  نېفىت-تەبىئىي گاز، يېڭى ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە يېشىل كانچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاپلىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2028-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا 939 مىليارد 571 مىليون يۈەن كەسىپ مەبلىغى سالىدىكەن.

*7-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنيا جىگەر ياللۇغى كۈنى، دۆلەتلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى يېڭى تۇغۇلغان %99 بوۋاققا  ئەملەندى. ئېلىمىزدە ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋاملىق مۇقىم تۆۋەنلىدى، دۆلەت ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

*خۇانېڭ شەندۇڭ شىداۋۋەن يادرو ئېلېكتىر بازىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بىلەن جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى فۇجيەن نىڭدې يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 5-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى. بۇ ئىككى تۈردە ئېلىمىز 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى «خۇالۇڭ 1-نومۇر» تېخنىكىسىنى مۇستەقىل قوللانغان، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يەككە گېنېراتورلارنىڭ يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى تەخمىنەن 10 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇخبىرنىڭ چېڭدۇ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 1 تىرىليون 930 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئېشىپ، ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز رايونغا ئايلانغان، ئاساسلىق ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.