مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى جايلار ۋە تارماقلاردا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە جايلار ۋە تارماقلاردا لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى 29-ئىيۇل بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بەردى. يىن لى دوكلاتىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چىقىش قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە لېكسىيە سۆزلىدى. يىن لى مۇنداق دېدى: پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. بىز «ئىككىنى تىكلەش» نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بىلەن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، پايتەخت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىمىز كېرەك.
يىن لى يەنە كارخانا ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە تەشۋىق قىلدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ 29-ئىيۇل سودا مىنىستىرلىقىدا لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىن «قارارى» نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سودا ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خې لىفېڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» نى باش شۇجى ئۆزى پىلانلاپ، بىر لايىھە تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. «قارار» ئارگىنالىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىسى كۈچەپ چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىسلاھات پىلانلاندى، بۇ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى بويىچە، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ 29-ئىيۇل سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدا لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بەردى. ئۇ ئومۇمىي يىغىننى ئېچىش، «قارار» چىقىرىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «قارار» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، يۆنىلىشى ۋە ئىچكى مەزمۇنىنى چۆرىدەپ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. جاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: «قارار» نىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى كۆزلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى تۇرغۇزۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى، كۈچلۈك بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىنغان.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن 29-ئىيۇل چۇڭچىڭدا لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بەردى. يۈەن جياجۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانى، زور پىرىنسىپى ۋە زور تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلىدى ۋە چۈشەندۈردى. يۈەن جياجۈن مۇنداق دېدى: چۇڭچىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشنىڭ ئاچقۇچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككى چوڭ ئورۇن»، «ئۈچ رول» نى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى بىلەن ئىجادىي، پەرقلىق ئىسلاھات ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك.
يېقىندا، يۈەن جياجۈن يەنە سانائەت باغچە رايونى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا