مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا جايلار ۋە تارماقلارغا چوڭقۇر چۆكۆپ لېكسىيە سۆزلىدى
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا جايلار ۋە تارماقلارغا چوڭقۇر چوكۆپ لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ 29-ئىيۇل يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىدا لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بەردى. ليۇ گوجۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «قارار» نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، سىستېمىلىق شەرھلەپ ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىدى.
ليۇ گوجۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزىگە باشتىن-ئاخىر ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە سىڭدۈرۈلگەن، مەزمۇنى ئىنتايىن مول، بىز ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇ ئارقىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ھالدا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا 29-ئىيۇل ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بەردى. جاڭ يۇشيا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، زور پىرىنسىپى، زور تەدبىرى، تۈپ كاپالىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ، ئارمىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.
جاڭ يوۋشيا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە «قارار»دىكى ئورۇنلاشتۇرمىنى چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھىمايە قىلىشىمىز، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر يېقىندا تيەنجىندە لېكسىيە سۆزلەپ دوكلات بېرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك لېكسىيە سۆزلىدى ۋە چوڭقۇر شەرھلىدى.
چېن مىنئېر مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى چىڭ تۇتۇلدى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. ئومۇمىي يىغىندا بۇ باش تېمىنىڭ بېكىتىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.
يىغىندىن كېيىن، چېن مىنئېر يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە تەشۋىق قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا