ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى %5.8 ئاشتى
جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى 30-ئىيۇل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى 167 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىن بۇيانقى بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئېشىپ، 1-پەسىلدىكىدىن 1.2 پوئېنت تېز بولدى. ئىمپورت ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ئىمپورت ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %10 ئەتراپىدا بولدى. ئورۇنلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ بۇيۇم ئەشيا ئوبوروت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7، تىرىلمە بايلىق ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشتى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىشقا كېتىدىغان ئەشيا ئوبوروت خىراجىتى سەل تۆۋەنلىدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت