ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-31 10:02

  *دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 30-ئىيۇل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2023-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان «ئۈچ يېڭى»نىڭ ئىقتىساد قوشۇلما قىممىتى 22 تىرىليون 352 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى.

  *بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2023-يىلى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت كۆرسەتكۈچى 149.71 نۇقتا بولۇپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئىككىنچى يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى داۋالغۇپ تۇرغان جەرياندىكى ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

  *30-ئىيۇل سائەت 18 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى كىنو بېلەت كىرىمى 7 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 30-ئىيۇل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2023-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان «ئۈچ يېڭى»نىڭ ئىقتىساد قوشۇلما قىممىتى 22 تىرىليون 352 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ،